توقايېۋ ئىسيانلارغا ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ باي-كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە يېتىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1766417
توقايېۋ ئىسيانلارغا ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا دۆلەت مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئىسيانلارنىڭ، يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە، دۆلەتنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك بىر ۋەزىپەگە دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «باي بىلەن كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە يەتتى» دېدى.

ئۇ ئىسيانلارغا ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تېررورىست قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈيىقەستچىلەر، بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ كەتتى» دېدى.

ئۇ قازاقىستاندىكى بايلىقنىڭ يېرىمىنىڭ پەقەت 162 كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق تەتقىقات شىركەتلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تەستىقلاپ، دۆلەتتە ئىقتىدارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلەپ قويغان ۋە نۇرغۇن سەرمايە بىر قولغا مەركەزلەشكەن مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ دەرھال ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇ دۆلەتتە سىياسىي ئىسلاھات سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «جەمئىيەتنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى ۋە سىياسىي ئىسلاھات سىيياسەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن. ئىسلاھاتلارنىڭ نىشانى ئېنىق. بۇ ئەركىن بازار ئىگىلىكى، ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي ئىگىلىككە ئۆتۈش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر