كەركۈكتە ئىراق پارلامېنتى ئىككىنچى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ  ئىشخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئىراق پارلامېنتى ئىككىنچى مۇئاۋىن رەئىسى شاھۋان ئابدۇللاھنىڭ كەركۈكتىكى ئىشخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1765444
كەركۈكتە ئىراق پارلامېنتى ئىككىنچى مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ  ئىشخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئامىر نۇرى بايانات ئېلان قىلىپ، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ھەيدىگەن ئاپتوموبىلدىن پارلامېنت مۇئاۋىن رەئىسى شاھۋان ئابدۇللاھنىڭ ئىشخانىسىغا قول بومبىسى ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامىر نۇرى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىشخانىغا ماددى زىيان يەتكەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر