قازاقىستاندا جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى

5 - يانۋار قازاقىستاندا ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت ئاخىرلاشتى.

1764754
قازاقىستاندا جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 19 – يانۋار يېرىم كېچىدىن باشلاپ پايتەخت نۇر سۇلتان، ئالمۇتا، ئاتراۋ، جامبىل، قىزىلئوردا ۋە مانگىستاۋ قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلەردە جىددىي ھالەتنى بىكار قىلىشى بىلەن تۇرمۇش نورمال ھالىتىگە قايتتى. بەلگىلىك سائەتلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان يول يۈرۈش چەكلىمىسى بىلەن كوچىلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىكار قىلىندى. شەھەرلەرگە كىرىش – چىقىشلار قايتىدىن ئەركىن قويۇۋېتىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى بەرىك ئۇئالى، خەلقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، بىخەتەرلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ جانلىرىنى تىكىپ قويۇپ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سايىسىدا، قازاقىستان مىقياسىدا تەرتىپ – ئىنتىزام ۋە خاتىرجەملىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 2 – يانۋار (2022) باشلانغان نامايىشلار، دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ئالمۇتادىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

5 – يانۋار قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، نامايىشلارنىڭ جاۋابكارى دەپ كۆرسەتكەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئارقىدىنلا مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.

قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر جەريانىدا 225 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر