قازاقىستان باش مۇپەتتىشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

قازاقىستان باش مۇپەتتىشى سەرىك شالابايېۋ دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى جەريانىدا 19 نەپىرى بىخەتەرلىك خادىملىرى بولۇپ، جەمئىي  225 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1763219
قازاقىستان باش مۇپەتتىشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەرىك شالابايېۋ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

شالابايېۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «225 كىشىنىڭ جەسىتى جەسەتخانىغا تاپشۇرۇلدى، ئۇلاردىن 19 نەپىرى ساقچى ۋە ئەسكەر. 3393 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى ۋە 4353 پۇقرا يارىلاندى» دېدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاسەل ئارتاكشىنوۋا، 225 كىشىدىن 175 كىشىنىڭ ۋاپاتىنىڭ سەھىىيە مەركەزلىرىدە رۇيخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشىنى سەۋەب قىلىپ 2- يانۋاردا نامايىشلار  باشلانغان ئىدى.

پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توكايېف نامايىشچىلار ئەيىبلىگەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، نامايىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، 3 چوڭ شەھەر ۋە 14 ئۆلكىدە جىددىي ھالەت  ئېلان قىلغان ئىدى.

پېزىدېنت توكايېف 11-يانۋار پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر