ئەلىيېۋ تۈركىيە-ئەزەربەيجان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تەبرىكلەپ ئەردوغانغا تېلېگرامما ئەۋەتتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

1762640
ئەلىيېۋ تۈركىيە-ئەزەربەيجان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تەبرىكلەپ ئەردوغانغا تېلېگرامما ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئىلھام ئەلىيېۋ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۇھىم كۈندە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقىنى سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئەزەربەيجان تارىخىدىكى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ 20-ئەسىردە ئىككىنچى قېتىم مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزەربەيجاننى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇشى ۋە ئارقىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، خەلقىمىزنىڭ مىللىي خاتىرىسىگە مەڭگۈ ھەقىقىي قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى» دېدى.

ئۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەزەربەيجان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ زور تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي ئىمتىھانلاردىن شەرەپ بىلەن ۋە قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا ئۆتكەنلىكىنى؛  «بىر مىللەت ، ئىككى دۆلەت» روھىغا بولغان ساداقىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ساقلاپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان خەلقلىرىنىڭ  بىر قانچە يۈز يىللىق ئىتتىپاقلىقى، قېرىنداشلىقى ۋە دوستلۇقى قاتارلىق مۇستەھكەم ئاساسلارغا قۇرۇلغان دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 2021-يىلى 6-ئايدا شۇشادا مۇناسىۋەتلەرنى ئىتتىپاقلىق دەرىجىسىگە چىقارغان خىتابنامىگە ئىمزا قويغانلىقلىرىنى «تەۋرەنمەس ئىتتىپاقلىقىمىزنى مۇستەھكەملىگەن مۇھىم تارىخىي قەدەم» دەپ باھا بەردى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگارممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:

«دۇنيادا ئۆزگىچە، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولغان ئەزەربەيجان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەمدە ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كۈچىيىشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىڭىز ئىنتايىن قىممەتلىك. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە بۇ توغرىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەڭىز، توغرا دەۋامىزنى تەرەددۈتسىز قوللشىڭىز، بىزگە ھەر دائىم يۇقىرى كەيپىيات ۋە ئىلاۋە كۈچ ئاتا قىلدى. ئەزەربەيجان خەلقى 44 كۈنلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى مىنۇتلىرىدىن ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە شەخسەن سىزنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقى كۆرسەتكەن مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۈگۈن ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان يەرلەرنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۈركىيە بىلەن مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ تىرىشىشىمىز كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بىز بارلىق ئىشلاردا ۋە ھەر دائىم قېرىنداش تۈركىيەنى داۋاملىق قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر