ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتى
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ كەلبەجەر تەرەپتە قوزغىغان ئىغۋاگەرچىلىكى سەۋەبىدىن چېگرادىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1761119
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلىش (ئارىلىشىش) تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ دائىرىدە زەمبىرەك ياكى ئايروپىلان ئىشلىتىلمىگەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى، ھەمدە جىددىيچىلىكنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلىرىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈنۈگۈن چۈشتە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.