قازاقىستاندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ئاشتى

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-يانۋار (2022) دىن تارتىپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ 7 مىڭ 939 غا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1759876
قازاقىستاندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتلەردە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەرنى ئاشكارىلىدى.

باياناتتا، 10-يانۋاردىن تارتىپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ 7 مىڭ 939 غا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئالمۇتادىكى ئىككى بازاردا 207 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھەرىكەتتە ئوغرىلانغان بەش دانە ئاپتوموبىل ۋە كومپىيۇتېر، مۇزىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قوراللارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئالمۇتادىكى ۋەقەلەرگە قاتناشقان ئىككى گۇرۇپپىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ 4-يانۋاردىن 8-يانۋارغىچە شەھەرنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋەقەلىرىگە قاتناشقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ماكانىدا قورال-ياراغ بىلەن دىنىي كىتابلارنىڭ تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار (2022) سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ باشلانغان نامايىشلار، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

كوچىلاردىكى نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى. بولۇپمۇ، ئالمۇتا شەھىرىدە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارنى ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقاتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارتلىغان نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ بەزى رايونلارغا كېڭىيىشى بىلەن، پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، جىددىي ھالەت قازاقىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.

توقايېۋ 7-يانۋار دۆلەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدا جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورىستلار ھازىرغىچە قورال بىلەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە داۋاملىق زىيان سالماقتا» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر