قازاقىستاندا بۈگۈن ماتەم ئېلان قىلىندى

قازاقىستاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ باشلانغان نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بۈگۈن (2022-يىلى 10-يانۋار) دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلىندى.

1760061
قازاقىستاندا بۈگۈن ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئاقئوردا، بارلىق دۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلاردا بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

قازاقىستاندا بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە رادىيولاردا ناخشا-مۇزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۆلەت ئىدارە-ئورگانلىرى بىلەن خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بەتلىرىنىڭ باش سەھىپىلىرى قارا ۋە ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىلدى.

تۈركىيەنىڭ نۇرسۇلتان ئەلچىخانىسى ماتەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ قازاق خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدە «قېرىنداش قازاق خەلقىنى قوللايمىز» دېگەن ئىبارە يېزىلدى.

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى سېكرېتارلىقىدىمۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى يېرىم چۈشۈرۈلدى.

تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا: «قېرىنداش قازاقىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قاچان ھەمكارلىق ئىچىدە بولغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋەقەلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. قازاقىستاننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نورماللىشىشىنى تىلەيمىز» دېدى.

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەلەردە 18 خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن 2022-يىلى 10-يانۋاردا دۆلەت مىقياسىدا ماتەم ئېلان قىلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

قازاقىستاندا بۈگۈنگىچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 7 مىڭ 939 غا چىقتى.

ئالمۇتادىكى ۋەقەلەرگە قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزىستانلىق مۇزىكانت ۋىكرام روزاخونوۋ قويۇپ بېرىلدى.

تاراتقۇلاردا ھەمبەھرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، روزاخونوۋنىڭ «پۇل بەدىلىگە نامايىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا كەلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالمۇتادا تۇتۇلغان ئىدى.

قىرغىزىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەزىزبېك ماداماروۋ قازاقىستاننىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى راپىل جوسىبايېۋنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ، مۇزىكانت روزاخونوۋنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن نوتا تاپشۇرغان ئىدى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار (2022) سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ باشلانغان نامايىشلار، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

كوچىلاردىكى نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى. بولۇپمۇ، ئالمۇتا شەھىرىدە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارنى ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقاتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارتلىغان نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ بەزى رايونلارغا كېڭىيىشى بىلەن، پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، جىددىي ھالەت قازاقىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.

توقايېۋ 7-يانۋار دۆلەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدا جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېررورىستلار ھازىرغىچە قورال بىلەن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە داۋاملىق زىيان سالماقتا» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر