قازاقىستاندىكى ۋەقەلەردە نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

قازاقىستاندا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، قوشنا ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىڭ 135 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

1759504
قازاقىستاندىكى ۋەقەلەردە نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
kazakistan.jpg
kazakistan.jpg
kazakistan2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلارغا دائىر مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، مەملىكەت مىقياسىدا قولغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 5 مىڭ 135 كە يەتكەنلىكى، نامايىشلاردا جامائەت تەرتىپىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى قوغداش جەريانىدا يارىلانغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى خادىملىرى سانىنىڭ بولسا، 1300 دىن كۆپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ، 300 كىشىدىن قورال چىققانلىقى ۋە يانفون قاتارلىق ئوغرىلانغان بۇيۇملار، كۆپ مىقداردا پۇل بىلەن ئاپتوموبىلدا ياكى پىيادە مېڭىپ چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغاندا قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «ھازىر  دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. بۈگۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ۋەزىيەت مۇقىملاشتى. ئىلگىرى تارتىۋىلىنغان بارلىق يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرى قۇتقۇزۇلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.  

قازاقىستاندا تۈنۈگۈن نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ سانى 4266 كىشى دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر