قازاقىستاندا ماسىموۋ قولغا ئېلىندى

قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى كەرىم ماسىموۋ خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى.

1759239
قازاقىستاندا ماسىموۋ قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېت تەرىپىدىن 6-يانۋار كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ خىيانەتچىلىك ماددىسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش باشلانغان، بۇ دائىرىدە، كومىتېتنىڭ سابىق رەئىسى كەرىم ماسىموۋ، باشقا شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان.

2016 – يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كەرىم ماسىموۋ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن باشلانغان، كېيىنچە دائىرىسى دۆلەتنىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە كېڭىيىپ كەتكەن نامايىشلار تۈپەيلى، 6 – يانۋار كۈنى قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قارارىغا ئاساسەن، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى.

قازاقىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ جىيەنى سەمەت ئابىشمۇ، دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-يانۋار يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن كېيىن پارتلىغان ۋەقەلەردە، باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4266 كىشى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر