قازاقىستان پىرېزىدېنتى مىللىي ماتەم ئېلان قىلىشنى قارارلاشتۇردى
قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ 10 – يانۋار كۈنى مىللىي مالەم ئېلان قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قازاقىستاندا ئىشلەنگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى نەتىجىسىدە ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك، 10 – يانۋار كۈنى دۆلەت مىقياسىدا مىللىي ماتەم ئېلان قىلىنىدۇ.»
بۇ ئارىلىقتا، پايتەخت نۇرسۇلتاندا كۈندىلىك ھايات، جىددىي ھالەت چەكلىمىسى ئاستىدا داۋاملاشماقتا.
پايتەختتە، دۆلەت مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان «يۈكسەك سەۋىيەدىكى خەۋپ ئاگاھلاندۇرۇشى» سەۋەبىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.
شەھەردە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى سارىيى ئاقئوردانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەت بىنالىرى ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەر ئالاھىدە قىسىملار تەرىپىدىن كېچە - كۈندۈز قوغدالماقتا.
پايتەختنىڭ بارلىق كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرىغا ساقچى كونترول نۇقتىلىرى قۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، چوڭ سودا – تىجارەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى، چايخانىلار ۋە رېستورانلارنىڭ كۆپىنچىسى تاقاق بولغان شەھەردە، پەقەت كىچىك دۇكانلاردىنلا نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشقا بولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.