توقايېۋ: جەمئىيەت تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاندى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ دۆلەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قايتا ساقلاغانلىقىنى ئېيتتى.

1758612
توقايېۋ: جەمئىيەت تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، دۆلەتتە جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قايتا ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان پىرېزىدېنت توقايېۋنىڭ بۈگۈن (2022-يىلى 7-يانۋار) خەلققە خىتاب قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشلار ئەسناسىدا قازا قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سانىنىڭ 18 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

قازاقىستاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشلانغان نامايىشلار، ئەڭ چوڭ شەھەر ئالمۇتادا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋ نامايىشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغان، ۋەقەلەرنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر