قىرغىزىستان قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامىسى ماقۇللىدى

قىرغىزىستاننىڭ قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ يولىنى ئاچقان قارارنامە قىرغىزىستان پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى.

1758888
قىرغىزىستان قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىش قارارنامىسى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشى، كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى دائىرىسىدە، قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن قىرغىز ئەسكەرلەرنىڭ قازاقىستانغا ئەۋەتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارارنامىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنىڭ تەستىقلىشىدىن كېيىن مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ۋە پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە تالاش - تارتىش قىلىنغان قارارنامە، يېپىق ئولتۇرۇشلاردىن كېيىن، كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى.

قىرغىزىستاننىڭ قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ يولىنى ئاچقان بۇ قارارنامە ئارقىلىق، ئالدىنقى ھەپتە قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان 7 – نۆۋەتلىك پارلامېنت، تۇنجى قارارىنى چىقارغان بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پارلامېنت پەلەمپەيلىرىدە توپلانغان بىر گۇرۇپپا، قىرغىزىستاننىڭ قازاقىستانغا ئەسكەر ئەۋىتىشىنىڭ يولىنى ئاچقان قارارنامىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

قىرغىزىستاننىڭ، كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى دائىرىسىدە قازاقىستانغا 150 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر