قازاقىستاندا ئارمىيەگە «تەييار تۇرۇش پەرمانى» چۈشۈرۈلدى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ دۆلەتتىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن بارلىق ئارمىيە قىسىملىرىغا «تەييار تۇرۇش پەرمانى» چۈشۈردى.

1758149
قازاقىستاندا ئارمىيەگە «تەييار تۇرۇش پەرمانى» چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ دۆلەتتىكى نامايىشلار سەۋەبىدىن بارلىق ئارمىيە قىسىملىرىغا «تەييار تۇرۇش پەرمانى» چۈشۈردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قاسىم جۆمەرت توقايېۋ يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىنى ئېنىقلاش، بارلىق جاۋابكارلارنى جازاغا تارتىش ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈش ئۈچۈن، باش تەپتىش مەھكىمىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن «مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى قارار قىلغان.

توقايېۋ ئارمىيە قىسىملىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ۋە باشقا قوراللىق قىسىملارغا «تەييار تۇرۇش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش پەرمانى» چۈشۈرۈپ، ۋالىي مەھكىمىلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان  ساقچى-ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ماددىي جەھەتتىن جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ يەنە، دىجىتال تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا، ۋەقەلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، يوقاپ كەتكەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئىگەللەش مەقسىتىدە «جىددىي تېلېفون» لىنيەسى تەسىس قىلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.

بۇ پەيتتە، ئالمۇتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سالتانات ئازىربېك ئالمۇتادا كېچە چارلاش قىسىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ئازىربېك نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ساقچى بىنالىرىنى ئىگەللەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئونلارچە ھۇجۇمچى بىر تەرەپ قىلىندى. ئۇلارنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالمۇتادا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ھەرىكىىتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە 2-يانۋار (2022) سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ باشلانغان نامايىشلار، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

كوچىلاردىكى نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارنى ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ تارقاتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پارتلىغان نامايىشلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ بەزى رايونلارغا كېڭىيىشى بىلەن، پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئىشتاتلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، جىددىي ھالەت قازاقىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر