تاتار: ماراش رايونى كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىۋېتىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار 2020 – يىلى ئۆكتەبىردە تەدرىجىي ئېچىلىش باسقۇچى باشلانغان شىمالىي قىبرىس چېگرالىرى ئىچىدىكى ماراش رايونىنىڭ ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1757288
تاتار: ماراش رايونى كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار،  كۆچمەس مۈلۈك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۆۋبەر فەرىت ۋەجھىنى قوقبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، كۆچمەس مۈلۈك كومىتېتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بارلىقىنى، رۇم تەرەپنىڭ پۇقرالىرىغا، « كۆچمەس مۈلۈك كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنماڭلار» تەرىقىسىدە بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ توغرا پوزىتسىيە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2020 – يىلى ئۆكتەبىردە تەدرىجىي ئېچىلىش باسقۇچى باشلانغان شىمالىي قىبرىس چېگرالىرى ئىچىدىكى ماراش رايونىنىڭ، ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىلتىماس سۇنۇلغان تەقدىردە، كۆچمەس مۈلۈك كومىتېتى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق، ماراشنىڭ سالاھىيىتى ھەربىي رايوندىن پۇقراۋى رايونغا ئۆزگەرتىلدى، بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىمۇ تېزلەشتۈرۈلىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ماراش رايونىنىڭ ئېچىلىشى، سىياسىي جەھەتتىن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەمدۇر.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 2019 – يىلى 18 – ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، 1974 – يىلدىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ماراش رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى مەسىلىسىدە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر