ئەزەربەيجان نازارەتتىكى  5 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى

ئەزەربەيجاننىڭ ئەسىرلەر، يوقاپ كەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالار كومىتېتى 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1754478
ئەزەربەيجان نازارەتتىكى  5 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ ئەسىرلەر، يوقاپ كەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالار كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغا بولغان ساداقىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا بىلدۈرىلىشىچە، ۋېنگرىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىش ئىشقا ئاشقان.

قايتۇرۇلغان 5 ئەسكەر 16-نويابىردا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى كەلبەجەر رايونىغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان.

ئەزەربەيجان يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 21 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر