شىمالىي قىبرىس: «بىر ئارال، ئىككى دۆلەت» سىياسىتىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قىبرىس ئارىلىدا «بىر ئارال، ئىككى دۆلەت» سىياسىتىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1753740
شىمالىي قىبرىس: «بىر ئارال، ئىككى دۆلەت» سىياسىتىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە تەڭ ھوقۇقلۇق خەلقئارالىق سالاھىيەت دائىرىسىدە ئارالدا ئىككى ئايرىم دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاساس قىلىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، قىبرىس مەسىلىسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنىڭ، تەڭ ھوقۇقلۇق خەلقئارالىق سالاھىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس ئارىلىدا ئىككى دۆلەت باردۇر، شۇڭا، <بىر ئارال، ئىككى دۆلەت> ھەقىقىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك.»

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، 27 – 29 – ئاپرېل كۈنلىرى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە غەيرىي رەسمىي 5 تەرەپلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (قىبرىسلىق تەرەپلەردىن سىرت يەنە، تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيە) قىبرىس كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ، ئورتاق زېمىن ھازىرلانمىغانلىقى سەۋەبلىك، 2 – 3 ئاي كېيىن يېڭى بىر يىغىن ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كونفېرانسنى تاقىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭ، ئاپرېل ئېيىدا جەنۋەدە «2 – 3 ئاي كېيىن يىغىن ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولىدىغانلىقى» نى ئېيتقان بولۇشىغا قارىماي، تېخىچە تەرەپلەرگە بۇ ھەقتە چاقىرىقتا بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشمۇ، قىبرىستىكى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق زېمىن ھازىرلانمىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە چاقىرىق ئېلان قىلماي، ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈۋاتىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيانىڭ، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ رېئاللىقىغا ماس ھالدا سىياسەت يۈرگۈزگەن ھامان «بىر ئارال، ئىككى دۆلەت» سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، بۇ ھەقىقەت قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى يولىدا ئاكتىپ سىياسەتنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر