ئەرسىن تاتار: ئەردوغان بىلەن ئىنتايىن ئىجابىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، سەھىيە، ئىقتىساد ۋە قىبرىس مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1752645
ئەرسىن تاتار: ئەردوغان بىلەن ئىنتايىن ئىجابىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار تۈركىيەدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئەرجان ئايرودورۇمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئەرسىن تاتار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ناھايىتى پايدىلىق ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بولۇپمۇ ئىقتىساد، قىبرىس مەسىلىسى، كوۋىد-19 يۇقۇمى قاتارلىق  باشقا ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئايرىم ئۇچرىشىشتا ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ئەرسىن تاتار، سەھىيە، ئىقتىساد ۋە قىبرىس مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد ھەققىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەرسىن تاتار ئۇچرىشىشىتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، تۈركىيە لىراسى ئامانەت قالقىنىنىڭ قىبرىستا يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تۈركىيە لىراسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر