ئەزەربەيجان قولغا ئېلىنغان 10 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى

ئەزەربەيجاننىڭ ئەسىر، يوقاپ كەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان پۇقرالارغا مەسئۇل دۆلەت كومىتېتى 10 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1749503
ئەزەربەيجان قولغا ئېلىنغان 10 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، قولغا ئېلىنغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلنىڭ تەشەببۇسكارلىقى بىلەن 14 - دىكابىردا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشى ۋە ئەلىيېۋ بىلەن مىشېل ئوتتۇرىسىدا ئوتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپلىك مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپىغا بولغان ساداقەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن قايتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ 16-نويابىردا ئىككى دۆلەت چېگراسىغا تەۋە كەلبەجەر رايونىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر