قىرغىزىستان تۈركىيەدىن سېتىۋالغان  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى

قىرغىزىستان تۈركىيەدىن سېتىۋالغان «Bayraktar TB2» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

1749484
قىرغىزىستان تۈركىيەدىن سېتىۋالغان  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات مەركىزىنىڭ يازما باياناتىدا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋنىڭ قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتىتى تەرىپىدىن چېگرا مۇداپىئە مۇلازىمىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان «Bayraktar TB2» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سادىر جاپاروۋغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ خىزمەت سىستېمىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ۋە ئۇچۇشلىرى كۆرسىتىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ پۈتۈنلەي دۆلەت چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر