ئەزىز سانجار تۈرك دۇنياسىنى ئاساسىي بىلىملەرگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم ئەزىز سانجار تۈرك دۇنياسىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىق ۋە ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن ئاساسىي بىلىملەرگە مەبلەغ سېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1743989
ئەزىز سانجار تۈرك دۇنياسىنى ئاساسىي بىلىملەرگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئەزىز سانجار تۈرك دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ: «بايلىقلىرىمىز بار، ئادەم كۈچىمىز بار، چوڭ يوشۇرۇن كۈچىمىز بار. كۈچىمىزنى ئاساسىي بىلىملەرگە قاراتساقلا بولىدۇ. بالىلىرىمىزنى تەجرىبە ئىلىمىگە ئادەتلەندۈرەيلى» دېدى.

ئەزەربەيجان دۆلەتلىك ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى ئۆتكۈزگەن ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ بارغان ئەزىز سانجار، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-دېكابىر) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

ئۇ 2020-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باشلىغان 44 كۈنلۈك ئۇرۇشنى كېچە-كۈندۈز كۆزەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قاراباغ زەپىرى تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ زەپىرىدۇر» دېدى.

ئۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىملەرگە مەبلەغ سېلىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تولۇق مۇستەقىللىق ۋە ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغدىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىشنى ئارزۇ قىلساق، ئاساسىي بىلىملەرگە مەبلەغ سېلىشىمىز لازىم. مەن بىر تۈرك مىللەتچىسى. تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ بىر تەرىپىدە بىلىمدە كۈچلۈك بولۇشمۇ بار. بىلىمدە كۈچلۈك بولمىساق، سىرتقى كۈچلەرگە تەڭ كېلەلمەيمىز. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىزنىڭ ئاساسىدا بىلىم بار. بايلىقلىرىمىز بار، ئادەم كۈچىمىز بار، چوڭ يوشۇرۇن كۈچىمىز بار. بىز كۈچىمىزنى ئاساسىي بىلىمگە قاراتساقلا بولىدۇ. بالىلىرىمىزنى تەجرىبە ئىلىمىگە ئادەتلەندۈرەيلى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر