نەزەربايېف: قازاقلار ۋەتىنىنى قوغدىيالىدى

قازاقىستاننىڭ قۇرغۇچى سابىق پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى 70 يىللىق ئەزالىقنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1743561
نەزەربايېف: قازاقلار ۋەتىنىنى قوغدىيالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ «مۇستەقىل قازاقىستان گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «مۇستەقىللىق تەجرىبە-ساۋاقلىرى» تېمىلىق ماقالىسىدە، دۆلىتىنىڭ 30 يىللىق مۇستەقىللىق مۇساپىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇستەقىللىققە دۆلىتىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقى دەپ باھا بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«16-دېكابىردا ئەڭ مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقىمىز بولغان دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى- دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. بۇنىڭدىن 30 يىل مۇقەددەم دۇنيا قارىشىمىز ۋە كىملىكىمىز ئاساسىدا ئاڭلىق ھالدا ئەركىنلىكنى تاللىدۇق. مەزكۇر جەريان ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ئۈچۈن غايەت زور مۇساپە تېشى ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ قەدىمكى ۋاقىتلاردا ساك، ھۇن، كېيىنچە قەھرىمان تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ پايانسىز زېمىنلاردا چوڭ ئۇلۇسلارنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ۋە مۇرەسسەسىز دۈشمەنلىكلەر سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر كۆچۈپ كەتتى. قازاقلار قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن تاشلارغا ئوخشاش، پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ، ئەسلى يۇرتىنى ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئاتا يۇرتىنى قوغدىيالىدى» دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ئەسىردە خەلقىنىڭ «ئېغىر ئاچارچىلىق» ۋەقەلىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرى قاتارلىق ئاپەتلەردىن كېيىن، ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ: «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى 70 يىللىق مۇساپىمىز دۆلىتىمىزگە پايدىلىق بولمىدى» دېدى.

ئۇ مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ ياشلىقىنىڭ مۇستەقىللىققە تۇتاشقان يولىنىڭ قانچىلىك ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۆتمۈشكە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىللىقىمىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قېنى بىلەن كەلگەن مۇقەددەس بايلىق دەيمەن» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر