ئەزەربەيجانلىق ئۇچقۇچىلار ھۈرقۇش بىلەن ماھارەت كۆرسەتتى
ئەزەربەيجان ئۇچقۇچىلىرى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى ياساپ چىققان ھەربىي مەشىق ئايروپىلانى بىلەن پايتەخت باكۇ ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
1742885
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىككى دانە ھۈرقۇش ئايروپىلانىنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى ئۈچۈن باكۇغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تۈرك ۋە ئازەرى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھۈرقۇشلار بىلەن ئۇچۇپ، ماھارەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.