ئەلىيېۋ پاشىنيان بىلەن كۆرۈشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ دېكابىردا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش رەئىسى چارلېس مىچېل، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە 15 – دېكابىر كۈنى چاقىرىلىدىغان شەرقىي ئاقدېڭىز باشلىقلار يىغىنى تەيارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، ھەمدە ئەلىيېۋ بىلەن پاشىنيانغا، مەزكۇر يىغىن دائىرىسىدە بىريۇسسېلدا بىر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىش تەكلىپى سۇنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رەھبەرلەر، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سۈركىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولۇش توغرۇلۇق پۈتۈشكەن، شۇنداقلا، تېلېفون سۆھبۈبەتلىرى جەريانىدا، ئەلىيېۋ بىلەن پاشىنيان، بىۋاسىتە ئۇچۇر - ئالاقە لىنىيەسى ئورنىتىشقا، بۇ لىنىيەنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدا «كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمى» سۈپىتىدە ئورنىتىلىشىغا قوشۇلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.