ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقاردى

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىغا جايلاشقان توۋۇز ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1735559
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئوق چىقارغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-نويابىر) شۇ يەر ۋاقتى 17 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندىن 22 دىن 52 مىنۇت ئۆتكىچە شەمسەددىن ۋىلايىتىنىڭ چىنارلى ۋە مۇغانجىك يېزىلىرىدىكى نۇقتىلىرىدىن توۋۇز ۋىلايىتىنىڭ مۇنجۇكلۇ، ئاغبۇلاغ، گوشا، كوھانەبى ۋە ئەسرىك جىرداھان يېزىلىرىدىكى ئەزەربەيقان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئوخشىمىغان كالبېرلىق قوراللار بىلەن ئوق چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ قارشى تەرەپكە قايتۇرما جاۋاب قايتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر