ئەزەربەيجان: 7 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە چېگراسىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدىن 7 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 10 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

1734984
ئەزەربەيجان: 7 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايوندىكى ئىغۋاگەرچىلىكى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، بىر لېيتېنانتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 ئەسكەر يارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردىن ئېتىبارەن چېگرا رايوننىڭ ۋەزىيىتى نورماللاشقان.

 شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ۋەقەلەرنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقى ئېرىۋان ھۆكۈمىتىگە ئائىت ئىكەن.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا رايوندا بىر قىسىم تۆپىلىكلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ پايدىلىق نۇقتىلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن لاچىن ۋە كەلبەجەر  يۆنىلىشىدە ھۇجۇم باشلاتقانىدى.

 ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئوخشاش يۆنىلىشتە ھەربىي ھەرىكەت باشلىتىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرغانىدى.

رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر