تۈرك كېڭىشى يىغىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈرك كېڭىشىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئىستانبۇلدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1733081
تۈرك كېڭىشى يىغىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى بۈگۈن (2021-يىلى 12-نويابىر) تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئىستانبۇلدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«يېشىل تېخنولوگىيەلەر ۋە دىجىتال دەۋرىدە ئەقىللىق شەھەرلەر» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋېنگىرىيەنىڭ باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان قاتنىشىدۇ.

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەرىمۇھەممەدوۋمۇ يىغىنغا تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىدە قاتنىشىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى بىنالى يىلدىرىم ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، بۈگۈن ئالدى بىلەن سۇلتان ئەھمەت جامەسىدە تۈرك كېڭىشى سېكرىتارلىقىنىڭ مەركىزى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مېھمانلار مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرك كېڭىشىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلىدىغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ئارىلىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

يىغىندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ نامىنى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» دەپ ئۆزگەرتىش ۋە كېيىنكى 20 يىللىق پىلاننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتنىڭ رولى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىش كۈتۈلمەكتە.

كېڭەشنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان يىغىندا، ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى ھەر ساھە بويىچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىن ۋەسىلىسى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر