يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۆزبېكستان خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى بېلەت تاشلايدۇ.

1723754
يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۆزبېكستاندا يەكشەنبە كۈنى (2021-يىلى 24-ئۆكتەبىر) پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

35 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۆزبېكستاندا 21 مىليون 266 مىڭ كىشى 19 مىڭ 769  ساندۇقتا بېلەت تاشلايدۇ.

ئۆزبېكستان قانۇنى بويىچە، پەقەت سىياسىي پارتىيەلەرنىڭلا پىرېزىدېنت نامزاتى كۆرسىتىش ھوقۇقى بار. 24-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا، ئېكولوگىيە پارتىيەسى نارزۇللاھ ئوبلومۇرادوۋنى، خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى مەقسۇدا ۋورىسوۋانى، مىللىي گۈللىنىش پارتىيەسى ئالىشىر قادىروۋنى، ئادالەت ئىجتىمائىي پارتىيەسى باھروم ئابدۇھالىموۋنى، لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى ھازىرقى پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزايېۋنى پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى سايلامنى 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەردىن باشقا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك كېڭىشى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىلى كۆزىتىدۇ. سايلامدا، 1 مىڭ 700 دىن ئارتۇق يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ئۆزبېكستاندا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. قانۇن بويىچە،  پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىش ئۈچۈن ئۆزبېكچىنى ياخشى بىلىشى، 35 ياشقا كىرگەن بولۇشى ۋە سايلامغا قاتناشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكستاندا ئىزچىل 10 يىل ياشىغان ئۆزبېكستان پۇقراسى بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.

2016-يىلى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ھازىرقى پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزايېۋ ئۈچ نامزات بىلەن بولغان رىقابەتتە، %88.61 ئاۋازغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنت بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر