جاپپاروۋ ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ قىرغىزىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى ئارۇز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1718016
جاپپاروۋ ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى رامكىسىدا بىشكەككە يېتىپ كەلگەن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكارنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى. قوبۇلدا، قىرغىزىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇزاكىرە قىلىندى.

سادىر جاپپاروۋ: «ھىندىستان بىلەن ھەربىي مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ھىندىستاننىڭ قىرغىزىستاننىڭ دورا تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى، توقۇمچىلىق سانائىتى، سەھىيە ساياھەتچىلىكى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئېھتىياجلارنى تەمىنلەشتىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېقىنقى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئۈستىدە توختىلىپ: «قىرغىزىستاننىڭ ئېنېرگىيە، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، تىببىي ۋە ساياھەت ساھەلىرىگە بىۋاستە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، دىجىتاللىشىش، سەھىيە ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى مەبلەغ سېلىش لايىھەلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قىرغىزىستاننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە 1.5 مىليون دوللارلىق ھەدىيە ياردىمى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 1992-يىلى 18-مارتتىن بۇيان ھەمكارلىق پىرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق خىتابنامە ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق خىتابنامە بىلەن جەمئىي 62 كېلىشىم ئىمزالانغان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر