تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى ناھچىۋاندا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، مىسال ئورنىدا بەلگىلەنگەن دۈشمەن نىشانلىرى بىتچىت قىلىنىپ، ئىشغال قىلىنغان رايونلار ئازاد قىلىندى.

1717270
تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 3-ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئەزەربەيجان ناھچىۋان ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ناھچىۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن «تەۋرەنمەس ئاكا-ئۇكالار -2021» ناملىق مانېۋىر ئالاھىدە قىسىملارنىڭ مىسال ئورنىدا بەلگىلەنگەن دۈشمەن تۇرۇشلۇق تاغقا ھۇجۇم قىلىپ، رايوننىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئېلىشى بىلەن باشلاندى.

مىسال ئورنىدا بەلگىلەنگەن دۈشمەن ئارقا لىنىيەسىگە ھاۋادىن ئەسكەر چۈشۈرۈلگەن مانېۋىردا، قورشاۋغا ئېلىنغان دۈشمەن كۈچلىرى نېيتراللاشتۇرۇلدى ۋە  برونېۋىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

مانېۋىردا مەرگەنلەر نىشاننى دەل تەككۈزۈپ ئېتىپ بىر تەرەپ قىلدى. مىسال ئورنىدا بەلگىلەنگەن نىشانلار زەمبىرەك، مىناميوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن پاچاقلاپ تاشلاندى.

مىسال خاراكتېرلىق دۈشمەن ئورۇنلىرىغا تانكا ۋە برونېۋىكلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغان مانېۋىردا، ئالاھىدە قىسىملار مىسال خاراكتېرلىق ئىشغال قىلىنغان ئولتۇراق رايونلارنى ئازاد قىلدى.

ئۇرۇش ئايروپىلانىمۇ مانېۋىرغا قاتنىشىپ مىسال خاراكتېرلىق نىشانلارنى ۋەيران قىلدى.

مانېۋىر «ئازاد قىلىنغان» تاغ باغرىغا تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرىنىڭ ئېسىلىشى شۇنداقلا تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ئىككى دۆلەت بايرىقىنى ئېچىپ ئۇچۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر