يېپىق ماراشنى بۈگۈنگە قەدەر 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار، 2020 - يىلى 8 -  ئۆكتەبىردە ئېچىلغان يېپىق ماراش رايونىنى بۈگۈنگە قەدەر 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ زىيارەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1714149
يېپىق ماراشنى بۈگۈنگە قەدەر 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ئەرسىن تاتار ئەسكىشەھىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماراشنىڭ 1974 - -يىلدىن بۇيان تاقاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ رايوننىڭ پۈتۈنلەي تۈرك ۋەقىپلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ئورۇن ئالغان يېپىق ماراشنى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «<مۇقىم مۈلۈك كومىتېتى> دەپ ئاتىلىدىغان بىر كومىتېتىمىز بار، كىمنىڭ مال-مۈلكى بولسا، شۇ يەرگە ئىلتىماس قىلىپ، قايتۇرۇپ ئېلىشىنى خالايمىز. بىز ھازىر بۇ خىزمەت جەريانىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ماراش رايونىنى بۈگۈنگە قەدەر 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلدى. ئەگەر يۇقۇم بولمىغان بولسا، زىيارەتچىلەرنىڭ سانى بىر مىليونغىمۇ يەتكەن بولاتتى. ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق بىز قوللانغان تەدبىرلەر، ئېچىۋېتىشلەر بىلەن كونا نۇقتىغا كەلگىىنىمىزدە، ساياھەت ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىكسكۇرسىيەلىرى بىلەن ماراشنى زىيارەت قىلىش نىسبىتى ئاشىدۇ. ماراش تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ. ئۇ گۈزەل دېڭىز ساھىلى، ئۇ يەردىكى ئىجتىمائىي ئەسلىھەلەر ۋە باغچىلار جانلىنىدۇ. خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە تەدرىجىي ئولتۇراقلىشىشقا ئېچىۋېتىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر