ئەزەربەيجان: مانېۋىر رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق

تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان لاچىن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1704757
ئەزەربەيجان: مانېۋىر رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لەيلا ئابدۇللايېۋا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ لاچىن رايونىدىكى ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىگەن باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى؛ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان چېگرالار ئىچىدە ھەر خىل مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشىنىڭ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باياناتچى ئابدۇللايېۋا: «ئەزەربەيجان بۈگۈنگىچە ئۆز زېمىنلىرىدا شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزدى. لاچىندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قەدەم بولۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىقتۇر» دېدى.

ئۇ، ئەرمېنىيەنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئىشغال ۋە ھۇجۇمچى سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ئامىل بولۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرى 6 - سېنتەبىردە لاچىندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مانېۋىرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىق ۋەمۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر