ئەزەربەيجان رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجاننىڭ رۇسىيە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بېتىدە «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» ئىبارىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1702689
ئەزەربەيجان رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لەيلا ئابدۇللايېۋا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى تور بېتىدە «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» ئىبارىسىنى قوللانغانلىقى سەۋەبىدىن دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق رۇسىيە تەرەپكە ئېتىراز بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى لەيلا ئابدۇللايېۋا: «بۇ خىل خاتا ئۇچۇرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى رۇسىيە تەرەپنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى» دېدى.

لەيلا ئابدۇللايېۋا باياناتىدا: «قارشى تەرەپ بۇ مەسىلىنىڭ تېخنىكىلىق خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كەلگۈسىدە بۇ خىل مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

رۇسىيەنىڭ دۆلەت ھۆددىگەرلىكى ئېلان قىلىنىدىغان رەسمىي ئىنتېرنىت بېتىدىكى ئېلانىدا، رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان قاراباغ ئەزەربەيجان زېمىنى ئەمەس، «تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئىپادىلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر