ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1700597
ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك قېرىنداشلىق رىشتىمىز بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، بارلىق ئۆزبېكىستان خەلقىگە ئۆزەم ۋە مىللىتىمگە ۋاكالىتەن سالام ۋە سۆيگۈلىرىمنى يوللايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر