مۇرات بېكتانوۋ قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى
قازاقىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇرات بېكتانوۋ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 26 – ئاۋغۇست كۈنى جامبىل ۋىلايىتىگە قاراشلىق بايزاكوۋ ناھىيەسىدىكى ھەربىي ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، ھەربىي خادىملار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان دىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرلان يەرمەكبايېۋ بۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
يەرمەكبايېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ قارارىغا ئاساسەن باش ئىشتاب باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇرات بېكتانوۋ، دۆلەتنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.