ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

1682536
ئەزەربەيجان تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان بولۇشى ۋە بۇ ئاپەتلەردە پۇقرالارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلىگەن بايراموۋ: «بىز مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە قېرىنداش تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇرىمىز ۋە ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر