شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى «يېپىق ماراش» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى «يېپىق ماراشنىڭ ھەر قانداق بىر قارار بىلەن باشقا بىر ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى»ينى ئۇقتۇردى.

1681974
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى «يېپىق ماراش» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىچكى كابىنىتېنىڭ 2019 - يىلى قارار ماقۇللاپ، ماراشنى ئېچىشقا ئالاقىدار دەسلەپكى سىياسەتنى بېكىتىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. 

باياناتتا: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى بولغان يېپىق ماراش، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن ئازاد قىلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. يېپىق ماراشنىڭ ھەر قانداق بىر قارار بىلەن باشقا بىر ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دېيىلدى.

باياناتتا: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھېچكىمنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش نىيىتى يوق. ئەكسىچە، ماراشنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىمىزدىنمۇ چىقىپ تۇرغىنىدەك، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ھەقدارلارنى ھەقلىرىگە ئېرىشتۈرۈش سىياسىتى ئىجرا قىلىنماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئارال توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ قىبرىس رىم سىياسىتى ۋە قاراشلىرىنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «قىبرىستا ئادىل، شۇنداقلا سىجىل يارىشىش ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ھاسىل قىلىنىدىغان ئورتاق كېلىشىملەردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئوتتورىغا چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە... چارە پەقەت ۋە پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىشى ئارقىلىقلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەر بۇ پىرىسىپنى چۆرىدىگەن ھالدا پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ بايانات بېرىشى كېرەك» دېيىلدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر