ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە چېگراسىدا رۇسىيە تەرەپتىن جاكارلانغان ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى ئەزەربەيجاننىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى، بىراق ئەرمېنىيەنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1681401
ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئەزەربەيجاننىڭ روسىيە تەرەپتىن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مەزكۇر چاقىرىققا قارىماي، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئەرمېنىيە تەرەپ قوشۇمچە تانكا ۋە 120 مىللىمېتىرلىق مىناميوت ئىشلىتىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇشنى ۋە بازىلىرىمىزغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېيىلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بۈگۈن كەچتە كەلبەجەر تەرەپكە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇم خاراكتېرلىك قەدەملىرىگە قارشى زۆرۈر بولغان قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، «ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت چېگرىسىدىكى ۋەزىيەتنى قۇتراتقۇلۇقلاردىن ۋە قەستەن يامانلاشتۇرۇشتىن ئۇزاق تۇرۇشقا شۇنداقلا دۆلەت چېگرالىرىنىڭ مەدەنىي شەكىلدە بەلگىلىنىشىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنى باشلاشقا چاقىرىمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

باياناتتا، ئەرمېنىيەدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭمۇ ئاساسسىز ۋە پۈتۈنلەي قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى ھەمدە چېگرا بويىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنىڭ ئەرمېنىيەدە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ كەلبەجەر يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق ئېتىشى سەۋەبىدىن 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، توقۇنۇشتا 3 نەپەر ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى  ۋە 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر