ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېگرادا 2 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى يارىدار قىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ كەلبەجەر يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق ئېتىشى سەۋەبىدىن 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1681294
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى چېگرادا 2 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ كەلبەجەر يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق ئېتىشى سەۋەبىدىن 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، كەلبەجەر ۋىلايىتىدىكى بازىلارنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 00.50 ئۆتكەندە باسارگەچەر ناھىيەسىدىكى ئەرمېنىيە بازىلىرىدىن ئوق ۋە مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئەرمەنېيە قىسىملىرى ئاتقان ئوقتا 2 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ ئوق ئېتىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقى، چېگرادىكى جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيەدە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر