شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ قىبرىس توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1678198
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «يېپىق ماراش شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى بولۇپ، باشقا ھەر قانداق دۆلەتكە ئوخشاش، دۆلىتىمىزنىڭمۇ ئۆز زېمىنىدا مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقى بار» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ يازما باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە يان بېسىپ بىر تەرەپلىمە بايانات ئېلان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، بوررېلنىڭ يېپىق ماراشقا ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ: «يېپىق ماراش شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى بولۇپ، باشقا ھەر قانداق دۆلەتكە ئوخشاش، دۆلىتىمىزمۇ ئۆز زېمىنىدا مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يېپىق ماراش توغرىسىدا چىقارغان، جۇمھۇر رەئىسىمىز تەرىپىدىن قىبرىس تۈرك خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان بۇ قارارغا بۇ رامكا ئىچىدە قاراش كېرەك. بۇ باسقۇچتا بىزنىڭ يېپىق ماراشنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەربىي رايونلۇق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قارارىمىزغا ئوخشاش، كەلگۈسى قارارلىرىمىزمۇ، شۈبھىسىزكى، مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇتلەق ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنى شەرتسىز قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەخلاقىي قىممىتىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىگەن باياناتتا، بوررېلنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتمۈشنىڭ قالدۇقلىرىغا ئايلانغان قارارلىرىغا ئىشارەت قىلىشىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكى قەي قىلىندى.

قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەندىزىسى ھەققىدىكى قارارىنى چىقىرىپ بولغانلىقى بايان قىلىنغان باياناتتا، بۇ قارارنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە باراۋەر خەلقئارا سەھنە سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقىقەتنى ھامان بىر كۈنى تونۇپ يېتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە: «قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياناتلىرىغا قارشى، ئانا ۋەتەن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە قانۇنلۇق ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر