ئىلھام ئەلىيېۋ ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن قاراباغ مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۈگۈن پايتەخت موسكۋادا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1677710
ئىلھام ئەلىيېۋ ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن قاراباغ مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىل تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پۇتىننىڭ ئەلىيېۋ بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان ئۇچرىشىشىدا ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 10- نويابىردا قاراباغ مەسىلىسىگە ئالاقىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە قاتناش ئۇلىنىشلىرىنى قايتىدىن ئورنىتىش ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك» مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلىشىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر