ئەلىيېۋ مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەزەربەيجانغا ئۆتكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1677278
ئەلىيېۋ مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى رەھبەر، ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، تىجارەتلىرىنىڭ تەخمىنەن 40 تىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، ئەزەربەيجاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن 1700 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان ئىشغال قىلىنىشىغا خاتىمە بەرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ زېمىنلىرىمىزدىن تامامەن ۋە شەرتسىز چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزى ئىجرا قىلدى، ھەمدە ئەزەربەيجان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەمدى تىنچلىق ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە سەھىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بىز بۇنىڭغا تەييارمىز. بۈگۈن ھۆرمەتلىك مىشېل ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە پىلانلىرىمىز، تەشەببۇسلىرىمىز ۋە يېڭى ئەھۋالغا قارىتا پوزىتسىيەلىرىمىز ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشى نىيەتلىك ۋە ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېخىچە ئۈستەل ئۈستىدە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز، ھەمدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ھەمكارلىققا ئاساس سالالايمىز، دەپ ئويلايمەن. دەرۋەقە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»

ئېرىۋاندىن ئېلىپ كەلگەن سىگناللارنى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا يەتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان مىىشېل بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىجابىي ۋە مۆتىدىل رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر