ئۆزبېكىستاندا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بەزى خادىملار ئۈچۈن مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى

ئۆزبېكىستاندا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇلازىمەت تارماقلىرىدىكى خادىملار ئۈچۈن مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى.

1676976
ئۆزبېكىستاندا كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى بەزى خادىملار ئۈچۈن مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتتە ئىخىتىيارى ھالدا ئەملىنىۋاتقان ۋاكسىنا بىر قىسىم  ئەمەلدارلار ۋە كەسپىي خادىملار ئۈچۈن مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى.

ۋاكسىنا ئەملەش مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلگەن كىشىلەر تۆۋەندىكىچە:

سەھىيە خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئەسكەرلەر، ساقچىلار، بانكا خادىملىرى، دۆلەت گۇۋاھلىقى ئورگىنى خادىملىرى، پوچتىخانا خادىملىرى، قەھۋەخانا خادىملىرى، سەتىراچلار، سودا ساراي خادىملىرى، ساياھەت ۋە باشقا مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خادىملىرى.

بۇ قارار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ۋە كەسپىي خادىملار چوقۇم 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنىڭ بىرىنچى مىقدارى بىلەن ئەملىنىشى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىككىنچى مىقدارى بىلەن ئەملىنىشى ۋە  1-نويابىرغىچە ئۈچىنچى مىقدارى بىلەن ئەملىنىشى لازىم.

كومىتېت يەنە دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈش ئالىدىدا تۇرغان ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھانىنىڭ ئۇستى ئوچۇق يەردە ئۆتكۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلدى.

كومىتېتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، دۆلەت مىقياسىدىكى قەھۋەخانا، ئاشخانا ۋە رېستورانلار شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 20 گىچە ئۇستى ئوچۇق يەردە پائالىيەت قىلالايدۇ.

ئۆزبېكىستاندا كوۋىد-19 غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش ئاپرېلدا باشلانغان بولۇپ، ئۆزبېكىستانغا ھازىرغا قەدەر خىتايدا ئىشلەنگەن «ZF2001» ۋاكسىنىسىدىن 6 مىليون 500 مىڭ، ئاسترازېنېكا بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىلغان  «Vaxzevria» ۋاكسىنىسىدىن 660 مىڭ، «Sputnik V» ۋاكسىنىسىدىن 370 مىڭ  بولۇپ، جەمئىي 7 مىليون 530 مىڭ ۋاكسىنا يېتىپ كەلگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر مەملىكەت مىقياسىدا جەمئىي 5 مىليون 521 مىڭ كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر