تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1666201
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە پىلانلانغان ۋە «2021 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» نامى بېرىلگەن بىرلەشكە ھەربىي مانېۋىرنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، 30 – ئىيۇنغىچە دۋاملىشىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا 600 ئەسكەر، 40 تانكا ۋە بىرونېۋىك، 20 توپ، 7 ئۇرۇش ۋە ھەربىي خادىم تىك ئۇچار ئايروپىلانى، 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە 50 ھەربىي ئاپتوموبىل قاتناشماقتا ئىكەن.

بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوماندانلىق - كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە قوماندانلارنىڭ زەنجىرسىمان بۇيرۇق چۈشۈرۈش  ۋە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش نىشان قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر