ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنىڭ كەلبەجەر يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1665467
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان بازىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، كەلبەجەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق زەيلىك ۋە ئىمامبىنەسى يېزىلىرى يولىدىكى بازىلىرىنىڭ 26-ئىيۇن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 14:00 تە ۋە 27-ئىيۇن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 03.00 تە ئەرمېنىيە تەرەپتىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىن  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىدىن قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقى، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ۋە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر