مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجاندا ئارمىيە بايرىمى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 103 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.

1665137
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى؛ تېلېگراممىدا: «ئەزەربەيجان تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە، شۇنداقلا پىداكارلارچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، <بىرلا ۋەتەن ھەرىكىتى> ئارقىلىق قاراباغدىكى ئۆز زېمىنلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىپ، بىزنى سۆيۈندۈرگەن كۈچلۈك ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئالاھىدە كۈنىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر