ئۆزبېكستان ئافغانىستان چېگراسىدا مانېۋىر باشلىدى

ئۆزبېكستان ئارمىيەسى ئافغانىستان چېگراسى ئەتراپىدىكى تىرمىزى رايونىدا ھەربىي تەلىم-تەربىيە مانېۋىرى باشلاندى.

1664971
ئۆزبېكستان ئافغانىستان چېگراسىدا مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستان چېگراسى ئەتراپىدىكى تىرمىزى رايونىدا ھەربىي مانېۋىر باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تىرمىزى رايونىدا نۇرغۇن ئەسكەر، ھەربىي ئاپتوموبىللار، تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلغان تەلىم-تەربىيە مانېۋىرى باشلانغان. مانېۋىردا، ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەييارلىقلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

مانېۋىرنىڭ سېنارىيەسى بويىچە، ئورنى بايقالغان دۈشمەن، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلىنىدىغان ھۇجۇملار بىلەن بىتچىت قىلىنىدىكەن.

ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 24-ئىيۇن) بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندىكى، بولۇپمۇ ئۆزبېكستاننىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، قوشنا دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر