ئۆزبېكستان تۈركپاغا ئەزا بولىدۇ

ئۆزبېكستان تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنتى-تۈركپا (TÜRKPA) غا ئەزا بولۇشنى قارار قىلدى.

1662845
ئۆزبېكستان تۈركپاغا ئەزا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن تۈركپا ھەيئىتىگە باشچىلىق قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى ئىسمەت ئۇچما ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئۆزبېكستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق سافايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزبېكستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۆزبېكستان پارلامېنتى ھەمدە تۈركپا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركپا ھەيئىتىگە باشچىلىق قىلغان ئىسمەت ئۇچما ئۆزبېكستاننىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش، كۈنىمىزدىمۇ تۈرك دۇنياسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركپانىڭ ئۆزبېكستان بىلەن ھەر ساھە بويىچە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆزبېكستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق سافايېۋ ئۆزبېكستاننىڭمۇ تۈرك كېڭىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ رامكىدا ئۆزبېكستان پارلامېنتىنىڭ تۈركپا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆزبېكستاننىڭ كېيىنكى مەزگىلدە تۈركپاغا ئەزا بولۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆزبېكستان تۈركپاغا ئەزا بولۇش توغرىسىدا قارار ئالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر