ئەلىيېۋ: كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا تەييارمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېرروتېرىيەلىرىنىڭ ئۇدا 30 يىل ئىشغال ئاستىدا قالغان بولۇشىغا ۋە بۇ رايونلاردىكى كەڭ دائىرىلىك ۋەيرانچىلىققا قارىماي كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1643007
ئەلىيېۋ: كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ، خەلقئارا نىزامى گەنجەۋى مەركىزى تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي كاۋكاز: رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق نۇقتىئىنەزەرلىرى» تېمىلىق تور مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

تاغلىق قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رايوننىڭ ۋەزىيىتى، ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلەچىكى، ئەزەربەيجاننىڭ پىلانلىرى ھەققىدە توختالغان ئەلىيېۋ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن سابىق دۆلەت باشلىقلىرى، باش مىنىستىرلار ۋە مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇرۇشنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى، شۇڭا جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ئۈچۈن يېڭى قاراش ۋە يېڭى كۈنتەرتىپكە ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلغان ئەلىيېۋ، ئىشغال باسقۇچىدا، ئەرمېنىيە بىلەن ھېچبىر شەكىلدە ھەمكارلىق ئورناتمايدىغانلىقلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمدى كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك، ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىنىڭ ئۇدا 30 يىل ئىشغال ئاستىدا قالغان بولۇشىغا، بۇ رايونلاردىكى كەڭ دائىرىلىك ۋەيرانچىلىقلارغا قارىماي، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا تەييارمىز. جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورناتقىلى ۋە بىر گەۋدىلەشكىلى بولىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان قاتناش لايىھەلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەلىيېۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «زەنگەزۇر كارىدورنىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن، رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر تۇغۇلىدۇ. ئەزەربەيجان ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئورتاق كېلەچەك ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈشكە تەيياردۇر. سىياسىيونلار، ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىلا ئاندىن رايوندا سىجىل تەرەققىيات، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر