ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 15 مىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

1640033
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 15 مىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ھەربىي مانېۋىرنىڭ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەستىقلىغان پىلانغا ئاساسەن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 15 مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مانېۋىرغا يەنە، تەخمىنەن 300 تانكا ۋە برونېۋىك، تەخمىنەن 400 ئوخشىمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك سىستېمىسى، 50 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار شۇنداقلا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مانېۋىردا ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا تەييار قىلىش، ئۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا تەسىرنى كۈچەيتىش ئاساس قىلىنماقتا.

تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە قانۇنسىز قوراللىق شايكىلارغا قارشى كۈرەش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىر 20-مايغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر